لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرىنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەردى

لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا سابىق باش مىنىستىر سائاد ئەل ھارىرىنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەردى.

1467038
لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرىنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى سائاد ئەل ھارىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا بومبا پارتلىدى. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، پارتلاشتا 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

پارتلاشتا، سابق باش مىنىستىر ئەل ھارىرىنىڭ ئۆيى ۋە ئەتراپىدىكى بىنالار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى لىۋان خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىنى مەنبە قىلغان ھالدا، پارتلاشتا 10 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، پارتلاشتا ھۆكۈمەت بىنالىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى بېيرۇت پورتىدىكى پارتلاتقۇچ ئىسكىلاتىغا ئوت كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سابىق باش مىنىستىر ئەل ھارىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر