لىۋىيەدە نۇرغۇن كۆچمەن تۇتۇلدى
لىۋىيەدە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن تەشكىل تاپقان 55 تەرتىپسىز كۆچمەن تۇتۇلدى.
1466036
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ساھىل بىخەتەرلىك ئورگىنىغا قاراشلىق ئەترەتلەر، ئاقدېڭىز ساھىلىدىكى زىلىتەن شەھىرىدە بىر ئىسكىلاتنى ئاختۇرۇشى جەريانىدا، 4 ئايال ۋە 6 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 55 تەرتىپسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈرگەن.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، كۆچمەنلەر پايتەخت ترابلۇسنىڭ تەخمىنەن 150 كىلومېتىر شەرقىدىكى زىلىتەن شەھىرىدىن ئاقدېڭىز سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ياۋروپاغا كۆچۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تۇتۇلغاندىن كېيىن شەھەردىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئائىت پاناھلىنىش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئۇكرائىنا ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئۇكرائىنا دونېتسىك رايونىدا رۇسىيەگە تەۋە Su-25 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.