ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كونسۇلخانا سوغۇقچىلىقى داۋام قىلماقتا

امېرىكا - ئاقساراي باياناتچىسى كايلېئىگ مەكئېنانى، خىتاينىڭ خوستوندىكى كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى توغرىسىدا بايانات بەردى.

1461654
ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كونسۇلخانا سوغۇقچىلىقى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا - ئاقساراي باياناتچىسى كايلېئىگ مەكئېنانى، خىتاينىڭ خوستوندىكى كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «خىتاينى بىزگە  ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ يامان نىيەتلىك قىلمىشلىرىغا قاراپ چىقىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئاقساراي باياناتچىسى كايلېئىگ مەكئېنانى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتايدىن خوستوندىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىشىغا ئىزاھات بېرىپ، «بىز بۇ قەدەمنى ئامېرىكا خەلقىنىڭ پىكرىي مۈلۈكى ۋە خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تاشلىدۇق» دېدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا تېخنولوگىيەسى ۋە پىكرىي مۈلۈكىيىتىنى سودا ساھەسىدە پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن كايلېئىگ مەكئېنانى، «خىتاينى بىزگە  ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ يامان نىيەتلىك قىلمىشلىرىغا قاراپ چىقىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 21 – ئىيۇلدا كونسۇلخانا بىناسىنىڭ سىرتىدا ماتېرىياللارنىڭ يوقىتىپ تاشلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تېكساس ئىشتاتىنىڭ خوستون شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، «خىتاينىڭ خوستوندىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىۋەتتۇق، چۈنكى بۇ يەر جاسۇسلۇق قىلىش ۋە پكىر مۈلۈكى ئوغرىلىقىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە ئىدى» دېگەنىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بولسا، چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئىجازەتنامىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر