ياۋروپا پارلامېنتى: ئىرىقچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈچلۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىشى لازىم

ياۋروپا پارلامېنتى ئىرقچىلىق، زوراۋانلىق ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

1439723
ياۋروپا پارلامېنتى: ئىرىقچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈچلۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىشى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا، «جورج فلويىدنىڭ قورقۇنچلۇق ئۆلۈمى قاتتىق ئەيىبلەنگەن قارار» 104 كە قارشى 490 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

قاراردا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى فلويىدنىڭكىگە ئوخشىغان ئۆلۈم ھادىسىلىرىمۇ ئەيىبلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «جەمئىيەتلىرىمىزدە ئىرقچىلىق ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىققا ئورۇن يوقتۇر. ئىرقچىلىق، زوراۋانلىق ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈچلۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىشى لازىم. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى قىزغىن قوللاشقا ئېرىشمەكتە. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار كۈچ ئىشلەتسە چوقۇم <تەڭپۇڭلۇق ئاساسىدا كۈچ ئىشلىتىش پىرىنسىپى> غا ئەمەل قىلىشى، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى جازاسىز قالماسلىقى شەرت.»

قاراردا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىلگىرى تېگى ئافرىقالىق ۋە ئوخشىمىغان ئېتنىك مىللەتلەرگە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىق قىلىندى.

ئىرقچىلىققا قارشى پۈتكۈل ساھەلەردە كۈرەش قىلىنىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇھىم ئىشى بولۇشى لازىملىقى قەيت قىلىنغان قاراردا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن 2008 – يىلى تۈزۈلگەن «ئىرقىي ئايرىمچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە» نىڭ دەرھال قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر