جورج فلويىد ۋەقەسى دونالد ترامپنى قوللاش نىسبىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى

ئامېرىكادا پرېزىدېنت دونالد ترامپنى قوللاش نىسبىتى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 7 نومۇر تۆۋەنلىدى.

1432275
جورج فلويىد ۋەقەسى دونالد ترامپنى قوللاش نىسبىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «SSRS» تەتقىقات شىركىتى تەرىپىدىن 2 - ئىيۇندىن 5 - ئىيۇنغىچە «CNN» تېلېۋىزىيە قانىلى ئۈچۈن 1259 كىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، دونالد ترامپنىڭ پرېزىدېنتلىقىنى ياقتۇرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %38، ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ نىسبىتى %57، بولغان. 5% كىشى پىكىر بايان قىلمىغان.

5 – مايدا ئوخشاش شىركەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، تىرامپنى قوللاش نىسبىتى %45 بولغان ئىدى.

تەكشۈرۈشكە قېتىلغۇچىلارنىڭ %31 ى تىرامپنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى، %63 ى بولسا، ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، «ئەگەر بۈگۈن سايلام ئۆتكۈزۈلسە، كىمنى تاللايدىغانلىقى سورالغان قانتاشقۇچىلارنىڭ %43 ى تىرامپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىرامپنىڭ دېموكراتچى رەقىبى سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت جو بايدىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەرنىڭ نىسبىتى %55 بولغان.

مايدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە بولسا بايدېننى قوللاش نىسبىتى%51 ۋە تىرامپنى قوللاش نىسبىتى %46 بولغان ئىدى.

25 - مايدىكى ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويىد مىننېسوتا ئىشتاتىدا نازارەتكە ئېلىنىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن باشلانغان توپىلاڭلارغا قارشى ترامپنىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش تەھدىتىنىڭ ئاممىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قوللىشىنى ئازايتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر