پۇتىن: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئىشسىزلىق كۆپىيىپ كەتتى
، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن دۆلەتتە ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن، پايتەخت موسكۋادا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا، ئەمگەك كۈچى ساھەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> ۋە بۇ ۋىرۇسقا قارشى قوللىنىلىۋاتقان تەدبىرلەر مۇستەسناسىز ھالدا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، تەلەپ تۆۋەنلىدى، سودا پائالىيەتلىرى ئازايدى، كۆپ ساندىكى سېلىنما پىلانلىرى توڭلاپ قالدى. يېقىنقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇسىيەدە رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشسىزلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، 1.9 مىليونغا يەتكەن.»
ئىگىلىنىشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن سىرت يەنە، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىنمۇ قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بۇ يىل % 5 – 6 كەينىگە چېكىنىپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئۇكرائىنا ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئۇكرائىنا دونېتسىك رايونىدا رۇسىيەگە تەۋە Su-25 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.