موزامبىكتا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 52 ئادەم قازا قىلدى

موزامبىكتا بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر سادىر قىلغان ھۇجۇمدا 52 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1403409
موزامبىكتا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 52 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موزامبىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئورلاندو مۇدۇمانې، قوراللىق كىشىلەرنىڭ كابو دېلگادو ئۆلكىسىنىڭ مۇئىدۇمبې رايونىدىكى كتاكسى يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ مۇددىئاسىنىڭ يېزىدىكى ياشلارنى ئۆز سېپىگە قېتىۋېلىش ئىكەنلىكىنى، ياشلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشىدىن غەزەپلەنگەن ھۇجۇمچىلارنىڭ 52 ئادەمنى قەتل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئورلاندو، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوراللىق كىشىلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر