ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىر ئايالنىڭ بوۋىقىنىڭ ساغلام تۇغۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

بۇ قېتىم جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرىپىدىن خۇش خەۋەر كەلدى... جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرىپىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملانغان بىر ھامىلدار ئايال ساغلام بىر ئوغۇل تۇغدى.

1390332
ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىر ئايالنىڭ بوۋىقىنىڭ ساغلام تۇغۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي قىبرىس رىم تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوۋىد – 19 يۇقۇمى بايقالغان بىر ھامىلدار ئايال 31 مارتتا تۇغقان؛ دوختۇرلار 3 يېرىم كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئوغۇل بوۋاقنىڭ سالامەتلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى، تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە بوۋاقنىڭ يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

دوختۇرخانا مەسئۇللىرى، نۇقتىلىق ھالدا كۆزىتىلىۋاتقان بوۋاقنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە قايتىدىن تەكشۈرۈلۈپ، يۇقۇم ئالامىتى كۆرۈلمىسە بالنىستتىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر، ئانىسىنىڭ كوۋىد - 19 دىن يۇقۇملانغان بولۇشىغا قارىماي، ھېچقانداق يۇقۇم كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بوۋاقنىڭ سىنىقىنىڭ مەنپىي چىققانلىقىنى، 3 – ئاپرېل (بۈگۈن) دا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوختۇرلار، ئەگەر ئىككىنچى قېتىملىق سىناقتىمۇ يۇقۇم ئالامىتى كۆرۈلمىسە، ئانىنىڭ بوۋاقنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر