ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئانىنىڭ بوۋىقى ساغلام تۇغۇلدى

گىرېتسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بىر ئانا بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.

1382114
ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئانىنىڭ بوۋىقى ساغلام تۇغۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملان ئانىنىڭ ئوپېراتسىيە بىلەن تۇغقان بوۋىقى سالامەت دۇنياغا كەلدى. تۇغۇتتىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتە، بوۋاقتا ۋىرۇس يوقلۇقى بايقالدى.

گىرېتسىيە سەھىيە مىنىستىرى ۋاسىلىس كىكىلىئاس (Vasilis Kikilias) تۋىتتېردا، تۇغۇتقا مەسئۇل بولغان سەھىيە خادىملىرىنىڭ رەسىملىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ رەسىمگە: «قىيىنچىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈمىد تۇغۇلدى. دۆلىتىمىزدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ساغلام بىر بوۋاق تۇغقاندىن كېيىنكى ئاتتىكا دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى ۋە سېستىرالار» دەپ ئىزاھات يازدى.

دوختۇرلار بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى ئېھتىماللىقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىككىنچى سىناقنى ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر