ئىراندا ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
ئىراننىڭ ھۇزىستان، ئەلبۇرز ۋە مازەندەران ئۆلكىلىرىدە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 81 گە يەتتى.
1377807
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى فارس شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد جەۋاد مۇرادىيان، ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، 9 - مارتتىن بۇيان فارس ئۆلكىسىدە يەنە 8 كىشىنىڭ ساختا ھاراق ئىچىپ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى، قالغانلىرىنىڭ داۋاملىق داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىراننىڭ ھۇزىستان ئۆلكىسىدە 46، ئەلبۇرز ئۆلكىسىدە 15، مازەندەران ئۆلكىسىدە بولسا 12 كىشىنىڭ ساختا ھاراق ئىچگەندىن كېيىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكى جاكارلانغانىدى.