ئىراندا ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 73 كە يەتتى

ئىراننىڭ ھۇزىستان، ئەلبۇرز ۋە مازەندەران ئۆلكىلىرىدە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى73 كە يەتتى.

1377109
ئىراندا ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 73 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇندىشاپۇر سەھىيە پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئەلى ئېھسانپۇر، ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، 6 - مارتتىن بۇيان ھۇزىستان ئۆلكىسىدە ساختا ھاراق ئىچىپ زەھەرلەنگەن 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۇزىستاندا  ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 46 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەلبۇرزدا 15، مازەندەراندا 12 كىشىنىڭ ساختا ھاراق ئىچىپ ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئىراندا ساختا ھاراق ئىچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 73 كە يەتتى.

ئاھۋاز باش تەپتىشى ۋەكىلى ئەلى بەيرانۋەند،  ساختا ھاراق ئىچىش قىلمىشىنى ​​تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 17 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى  بىلدۈرگەنىدى.

 كېرېج باش تەپتىشى ۋەكىلى مۇھەممەد ئاغايارى بولسا، ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بەزى ئىران پۇقرالىرىنىڭ «ھاراق <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا تاقابىل تۇرۇشتا پايدىلىق ئىكەن»  دېگەندەك سەپسەتىلەرگە ئاساسلىنىپ ساختا ھاراق ئىچكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر