ئىراندا «ۋۇخەن ۋىرۇسىغا پايدىلىق» دەپ، ساختا ھاراق ئىچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا
ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھۇزىستان ۋە ئەلبورز ئۆلكىلىرىدە ساختا ھاراق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 33 كە يەتتى.
1375435
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خۇزىستاننىڭ مەركىزى شەھىرى ئاھۋازدا ساختا ھاراق سەۋەبىدىن يەنە 6 ئادەم ئۆلۈپ، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 26 يەتكەن. ئۆلكە مىقياسىدا زەھەرلەنگەنلەرنىڭ سانى 265 كە چىققان.
كەرەج باش تەپتىشى ۋەكىلى مۇھەممەد ئاغايارى ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەلبورز ئۆلكىسىدە ساختا ھاراقتىن زەھەرلەنگەنلەردىن 7 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇھەممەد ئاغايارى بەزى پۇقرالارنىڭ «ھاراق، يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا پايدىلىق» دېگەن قۇتراتقۇ سۆزلەر تارقىغاندىن كېيىن، ساختا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ھاراقلارنى ئىستېمال قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.