ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفوندا كۆرۈشتى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكاغا خىتايدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ۋەزىيەتكە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى چاقىرىق قىلدى.

1354984
ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكاغا خىتايدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ۋەزىيەتكە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى چاقىرىق قىلدى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلاپلارنى دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ خىتايدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلغان.

شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئالغان تەدبىرلىرىگە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ۋىرۇس مەسىلىسى بويىچە يېقىن ئالاقىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ ئاستا-ئاستا ئۈنۈم بېرىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنى يىڭىشقا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ۋە قابىلىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئۈستىدە توختالغاندا، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ، ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوخشىماسلىقلار بولسىمۇ، تەڭ باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، دىيالوگ ۋە مۇزاكىرەلەر ئارقىلىق قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى تاپالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ پۈتكۈل كۈچى بىلەن خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىنى قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر