پومپېيو ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچى رەھبىرى گۇايدو بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشتى.

1354944
پومپېيو ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچى رەھبىرى گۇايدو بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس (Morgan Ortagus) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچى رەھبىرى خۇەن گۇايدونىڭ كۆرۈشۈشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، كۆرۈشۈشتە خۇەن گۇايدونىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى؛ ئىككى رەھبەرنىڭ دېموكراتىك ئاكتىيورلار ھەمدە خەلقئارالىق شېرىكلەرنىڭ قوللىشىدا ئەركىن، ئادىل بولغان پىرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت سايلاملىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مىنىستىر پومپېيو بىلەن ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت گۇايدو ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ يىللاردىن بۇيان تەلەپ قىلغان مادۇرو دىكتاتورلۇقىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى، دېموكراتىيە، ئىقتىسادىي خاتىرجەملىك ۋە ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ شەرىپىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش نۇقتىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.»

خۇەن گۇايدو تۈنۈگۈن (2020-يىلى 6-فېۋرال) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر