ئەنگلىيەدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى غەلىبە قىلدى

ئەنگلىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، باش ۋەزىر بورىس جونسون رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى.

1322939
ئەنگلىيەدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، باش ۋەزىر بورىس جونسون رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنتتا 364 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ، 650 كىشىلىك ئاۋام پالاتاسىدا 326 دىن كۆپ ئورۇنغا ئېرىشتى. بۇ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، كونسېرۋاتىپلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىستېپا بېرىشلەر ۋە پارتىيەدىن ھەيدەشلەر سەۋەبىدىن پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى سانى كۆزگە كۆرۈنەرلىك نىسبەتتە ئازايغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى پارلامېنتتىن ئۆتكۈزەلمىگەن باش ۋەزىر بورىس جونسون، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولدى.

سايلامدا، بورىس جونسوننىڭ رەقىبى بولغان جېرېمي كوربيىن (Jeremy Corbyn) رەھبەرلىكىدىكى ئىشچى پارتىيەسى پارلامېنتتا 203 ئورۇننى قولغا كەلتۈردى. ئىشچى پارتىيەسى بۇ سايلامدا، 2017-يىلى قولغا كەلتۈرگەن پارلامېنتتىكى 262 ئورۇندىن 59 ىنى قولدىن چىقىرىپ قويدى. بۇ ئىشچى پارتىيەسىنىڭ 1935-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇستەقىللىق تەرەپدارى بولغان شوتلاندىيە دۆلەت پارتىيەسى (SNP) 48 ئورۇننى، لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى 12 ئورۇننى، گاللېر پارتىيەسى تۆت ئورۇننى، يېشىللار پارتىيەسى بىر ئورۇننى ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك پارتىيەلەر 18 ئورۇننى قولغا كەلتۈردى.

كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ قولىدا بولغان رايونلاردا نامزات چىقارمىغان ئاشقۇن ئوڭچى نىگېل فېرېيج (Nigel Farage) رەھبەرلىكىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش (Brexit) پارتىيەسى پارلامېنتقا كىرەلمىدى.

باش ۋەزىر بورىس جونسون سايلام غەلىبىسى ئېنىقلاشقاندىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلىپ: «يولدىكى توسقۇنلۇقنى ئىزىپ تاشلىدۇق، تۈگۈننى يەشتۇق. يېڭى كۈن، يېڭى شەپەق كەلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 31-يانۋار چېكىنىمىز. ئەمما، بىراق دەيدىغان گەپ يوق» دېدى.

ئىشچى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى جېرېمي كوربيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، سايلام مەيدانلىرىدا ئۆزىنى قوللىغان ئائىلىسى، دوستلىرى ۋە ئايالىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:

«ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن بىر كېچىنى تاڭ ئاتقۇزدۇم. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مۇنازىرەلىرى خەلقىنى ئېغىر دەرىجىدە قۇتۇپلاشتۇردى. نورمال سىياسىي مۇنازىرەلەر كۈچكە ئىگە بولالمىدى» دېدى.

ئۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ۋە كېيىنكى نۆۋەتلىك سايلامدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق، قاچان ئىستېپا بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن جېرېمي كوربيىننىڭ بىر مەزگىلگىچە پارتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر