باغداد ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى ئورتاق ھەرىكەتلەر قوماندانى لېيتىنانت گېنېرال قەيس مەھمۇدەۋىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

1319988
باغداد ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى ئورتاق ھەرىكەتلەر قوماندانى لېيتىنانت گېنېرال قەيس مەھمۇدەۋىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا بىرىگادا گېنېرالى ئابدۇلھۇسەيىن ئەتتەمىمى تەيىنلەندى.

ئىراق دائىرىلىرى، مەھمۇدەۋىينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئورنىغا بىرىگادا گېنېرالى ئابدۇلھۇسەيىن ئەتتەمىمىنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق بۇ قەدەمنىڭ، جۈمە كۈنى كەچتە ئەلخىللانى مەيدانىدىكى نامايىش ئەسناسىدا 25 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى، 120 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمدىن كېيىن تاشلىنىشى دىققەتنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر