باغدادىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قولغا ئېلىندى

تۈركىيەدە 4 ۋىلايەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش داۋامىدا دائېش كاتتىبېشى باغدادىنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن 4 كىشى قولغا ئېلىندى.

1307524
باغدادىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، دائېشقا قارىتا ئاختۇرۇش - تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى باغدادىنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن قىرشەھىردە 11، سامسۇندا 5، ئوردۇدا 3، شانلىئۇرفادا 6 گۇماندار تۇتۇلغان.

قىرشەھىر  ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىدىكى سوراقتىن كېيىن، قولغا ئېلىنىش تەلىپى بىلەن مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھەق - ھوقۇق سوت مەھكىمىسىگە يوللانغان 4 گۇماندار، «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. جىنايەتكە ئىتتىرىلگەن 2 بالا بىلەن 19 گۇمداندار بولسا، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركىزىگە ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن قىرشەھىر ۋالىي مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر