دونالد ترامپ: «كۆزىمىز؛ باغدادىنىڭ 3 – ئادىمىنىڭ ئۈستىدە»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «كۆزىمىز؛ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن كاتتىبېشى ئەبۇ بەكىر ئەلباغدادىنىڭ 3 – ئادىمىنىڭ ئۈستىدە» دېدى.

1305407
دونالد ترامپ: «كۆزىمىز؛ باغدادىنىڭ 3 – ئادىمىنىڭ ئۈستىدە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ نىيۇ يورك ئىقتىساد كۇلۇبىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن كېيىن، سوئاللارغا جاۋاب قايتۇردى.

دونالد ترامپ باغدادى ۋە دائېش باياناتچىسى ئەبۇ ھەسەن ئەل مۇھاجىرنىڭ ئالدىنقى ئاي سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىغا دائىر ئېنىقلىما بېرىپ، دائېشنىڭ 3رەھبىرى ئەبۇ ئىبراھىم ئەل ھاشىمى ئەل قۇرەيشىنىڭمۇ تۇرۇشلۇق يېرىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ: «كۆزىمىز باغدادىنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن 3ئادىمىنىڭ ئۈستىدە. ئۇچىنچىسىنىڭ قېيىنچىلىقلىرى بار، چۈنكى ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر