«تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرى پىلان بويىچە تاماملاندى»
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان قامىشلى – دەرىك ئارىسىدىكى رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرىنىڭ تۈنۈگۈن پىلان بويىچە تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەدە <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان قامىشلى – دەرىك ئارىسىدىكى رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرى، ئىغۋاگەرلەرگە قارشى ھەربىي خادىملىرىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدالغان ئاساستا تۈنۈگۈن پىلان بويىچە تاماملاندى. ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرىگە ھەر ئىككى تەرەپتىن تۆتتىن ۋاسىتە بولۇپ، جەمئىي 8 ھەربىي ۋاسىتە بىلەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى قاتناشتۇرۇلدى. تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇق ۋە 88 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۇساپىدە ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىدى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سىلوۋېنىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدۇ
سىلوۋېنىيەنىڭ 13-ئىيۇنغىچە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشى كۈتۈلمەكتە.
ئافغانىستان ساقچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئافغانىستان بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ساقچى قازا قىلدى، بەش ساقچى يارىلاندى.