سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى يىغىنى ئاخىرلاشتى

سۈرىيەلىك ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا جەنۋەدە چاقىرىلغان ئاساسىي قانۇن كومىتېتى يىغىنىنىڭ دەسلەپكى بۆلۈمى ئاخىرلاشتى.

1298911
سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېير پېدېرسېن، ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان، سۈرىيەنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىدىغان كومىتېت يىغىنىنىڭ دەسلەپكى بۆلۈمىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، كومىتېتنىڭ 45 كىشىلىك لايىھە گۇرۇپپا ئەزالىرى تەشكىل قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى، لايىھە گۇرۇپپىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن خىزمەت ئىشلەشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

150 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئەزالار سۆز قىلغان ئولتۇرۇشلاردا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى، ئۆكتىچىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇنغا ئالاقىدار پىلان – لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، دۈشەنبە كۈنى پەقەت 45 كىىشلىك گۇرۇپپا ئەزالىرىلا ئىشتىراك قىلىدىغان ئولتۇرۇشلارنىڭ باشلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان بولۇپ، سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش مەقسىتىدە تەشكىل قىلىنغان ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قارار ماقۇللىيالىشى ئۈچۈن، كومىتېت ئەزالىرىنىڭ كەم دېگەندە % 75 تىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى شەرت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر