دائېش يېڭى رەھبىرىنىڭ سايلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەبۇبەكرى ئەلباغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە يېڭى رەھبىرىنىڭ سايلاپ چىقىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1298378
دائېش يېڭى رەھبىرىنىڭ سايلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا يېقىن «‹تېلېگرام› تېلېۋىزىيە قانىلى» دا ئېلان قىلىنغان ئاۋاز لىنتىسىدا، ئۆزىنى تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى دەپ تونۇشتۇرغان ئەبۇ ھەمزە ئەلقۇرەشى، باغدادى بىلەن دائېش باياناتچىسى ئەبۇ ھەسەن ئەلمۇھاجىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، باغدادىنىڭ ئورنىغا ئەبۇ ئىبراھىم ئەلھاشىمى ئەلقۇرەشىنىڭ سايلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دائېش رەھبىرى باغدادىنىڭ، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ 8 تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، باغدادىنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆيىنىڭ ئاستىدىكى ئېغىزى تاقاقلىق تۇنېللاردىن بىرىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۈستىدىكى جىلىتكىسىنى پارتلىتىپ،. يېنىدىكى ئۈچ بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبىرىمۇ، دائېش باياناتچىسى ئەبۇ ھەسەن ئەلمۇھاجىرنىڭ، سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس شەھىرى ئەتراپىدا سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر