دونالد ترامپ باغدادىنى ئۇجۇقتۇرۇش ھەرىكىتىگە دائىر يالغان رەسىم ھەمبەھىرلەشتى

دونالد ترامپ باغدادىنى ئۇجۇقتۇرۇش ھەرىكىتى ئەسناسىدا يارىدار بولغان ئاپشاركىنىڭ رەسىمىنى ھەمبەھىرلەشكەن بىراق ئاپشاركىنىڭ ئىسىمىنى مەخپىي تۇتقان ئىدى.

1297604
دونالد ترامپ باغدادىنى ئۇجۇقتۇرۇش ھەرىكىتىگە دائىر يالغان رەسىم ھەمبەھىرلەشتى
trump dog fotomontaj.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دائېش كاتتىبېشى ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىنى ئۇجۇقتۇرۇش ھەرىكىتىدە يارىدار بولغان ئاپشاركىغا مېداليون تاقاۋاتقان ئەمما ئۆزگەرتىلگەن رەسىم ئىكەنلىكىنى بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر رەسىمنى ھەمبەھىرلەشتى. 

دونالد ترامپنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا، سۈرىيەدە شەنبە كۈنىدىكى باغدادى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشكەن ھەربىي ھەرىكەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ئاپشاركىغا مېداليون تاقاۋاتقان رەسىمىنى «ئامېرىكا قەھرىمانى» دېگەن سۆز بىلەن ھەمبەرھىرلەشكەن ئىدى.

ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ رەسىمنىڭ ئەسلىدە ترامپ تەرىپىدىن بىر ۋېيېتنام ئۇرۇشى قەھرىمانى ئەسكەرگە مېداليون تاقىغان مۇراسىمدا تارتىلغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا، مەزكۇر قەھرىمان ئەسكەرنىڭ ئورنىغا ئاپشاركىنىڭ رەسىمىنى قويۇپ، رەسىمگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. 

ترامپنىڭ تىۋىتتېر ھېسابى باش رەسىمىگىمۇ قويۇلغان بۇ يالغان كۆرۈنۈش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شۇنداقلا ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا مەسخىرە تېمىسىغا ئايلاندى.

دائېش كاتتبېشى باغدادى ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ 8 تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئىدلىبنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشكەن ئىدى.

دونالد ترامپ باغدادىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ ئاستىدىكى چىقىش ئېغىزى بولمىغان تۆنەلەردىن بىرسىگە كىرگەندىن كېيىن، بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىپ، 3 كىچىك بالا بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ترامپ ھەربىي ھەرىكەت ئەسناسىدا يارىدار بولغان ئاپشاركىنىڭ رەسىمىنى ھەمبەھىرلەشكەن بىراق ئاپشاركىنىڭ ئىسىمىنى مەخپىي تۇتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر