ئامېرىكا دائېش باياناتچىسى ئەلمۇھاجىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇھەسەن ئەلمۇھاجىرنىڭ ئالدىنقى كۈنى سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس شەھىرىگە يېقىن بىر جايدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1296388
ئامېرىكا دائېش باياناتچىسى ئەلمۇھاجىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا ئەلمۇھاجىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات بەردى.

دائېش لىدىرى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنىڭ ۋارىسى دەپ قارىلىۋاتقان ئەلمۇھاجىرنىڭ، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس شەھىرىگە يېقىن بىر جايدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر ئەمەلدار، ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن جەرابلۇستىكى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى جەرابلۇس ناھىيەسىدە ئالدىنقى كۈنى سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يولدا كېتىۋاتقان ئىككى نېفىت ئاپتوموبىلىنى بومباردىمان قىلغان. پارتلاشتىن كېيىن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى، بومباردىمان قىلىنغان نېفىت ئاپتوموبىلىدىن ئۈچ ئادەمنىڭ جەسىتىنى چىقارغان ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن بىرىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىباشلىرىدىن ئەلمۇھاجىر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

مەزكۇر كىشىنىڭ نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ بىرىنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە قىلىپ ياسالغان يوشۇرۇن ساندۇققا كىرىۋالغانلىقى ۋە بومباردىماندا كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر