بىن سەلمان باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ترامپقا رەھمەت ئېيتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1296536
بىن سەلمان باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ترامپقا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ، دائېش كاتتىبېشى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادى ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى جۇد دېرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپ بىلەن مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، تېلېفون سۆھبىتىدە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ دائېش كاتتىبېشى باغدادى ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ترامپنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، ترامپنىڭ بولسا، بىن سەلمانغا «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان كۈچلۈك شېرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى» ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا تېلېفون سۆھبىتىدە رايون ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

دائېش كاتتىبېشى ئەبۇبەكىر باغدادى ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ 8 تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئىدلىبنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، باغدادىنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئاستىدىكى ئايىغى چىقماس بىر تونېلغا كىرگەندىن كېيىن ئۈستىگە كىيىۋالغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى جىلىتكىسىنى پارتلىتىپ، يېنىدىكى ئۈچ بالا بىلەن بىرلىكتە ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر