باغدادى ئۇجۇقتۇرۇلغان جاي ھاۋادىن سىنغا ئېلىندى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كاتىۋىشى ئەبۇ بەكىر ئەلباغدادى ئۇجۇقتۇرۇلغان جاي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتى ئارقىلىق سىنغا ئېلىندى.

1296183
باغدادى ئۇجۇقتۇرۇلغان جاي ھاۋادىن سىنغا ئېلىندى
idlib bagdadi havadan goruntu1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبنىڭ بارىشا يېزىسىغا يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، رايونغا تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن چۈشۈرۈلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تېررورچىلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇشقان ئىدى. 

توقۇنۇش يۈز بەرگەن جاي ھاۋادىن سىنغا ئېلىندى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتى ئارقىلىق سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردە، 3 ئۆينىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى، ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىدىكى چېدىرلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ۋە زەيتىن دەرەخلىرى ئارىسىدىكى جايدا بومبىلارنىڭ تەسىرىدە ئۆرەكلەر شەكىللەنگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

باغدادى ئۆلتۈرۈلگەن ھەربىي ھەرىكەت ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ 8 تىك ئۇچار ئايروپىلانى بىلەن 2 دانە ئۇچقۇچىسىز ئاروپىلانى بارىشا يېزىسى ئەتراپىدىكى بىر نىشاننى قويۇق ئوققا تۇتقان ئىدى.

ئەسكەرلەر رايونغا ھاۋادىن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ھەرىكەتتن كېيىن تىك ئۇچار ئايروپىلانلار رايوندىن ئايرىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق سارايدا تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دائېش كاتىۋىشى باغدادىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتتە ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر