ترامپ: «ناھايىتى چوڭ بىر ئىش بولدى»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ناھايىتى چوڭ بىر ئىش بولدى» دېگەن ئۇچۇرى كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا قىلدى.

1295403
ترامپ: «ناھايىتى چوڭ بىر ئىش بولدى»

تۈركىيە ئاۋاى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ناھايىتى چوڭ بىر ئىش بولدى» دېگەن ئۇچۇرى كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا قىلدى؛ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى لىدىرى ئەبۇبەكىر باغدادىنىڭ ئىدلىبتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۆلگەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان «بىر ئاز بۇرۇن ناھايىتى چوڭ بىر ئىش بولدى» دېگەن ئۇچۇرى كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىدى.

ئاقساراي، ترامپ مەزكۇر ئۇچۇرنى تارقىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ترامپنىڭ بۈگۈن (تۈركىيە ۋاقتى سائەت 16:00 دە) «مۇھىم بىر بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقى»نى ئۇقتۇردى، بىراق باياناتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا يىپ ئۇچى بەرمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى»، پېنتاگون ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى لىدىرى ئەبۇبەكىر باغدادىغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان ناھايىتى مەخپىي بىر ھەرىكەتكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پېنتاگون ئەمەلدارلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە باغدادىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، بىراق جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر