ترامپ باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنىڭ سۈرىيەدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1295572
ترامپ باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئاقسارايدا بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە باغدادىنىڭ ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، «ئەبۇبەكىر ئەلباغدادى ئۆلدى. بىر قورقۇنچاق مىسالى ئۆلدى، قاچقان ۋە يىغلىغان ھالەتتە...» دېدى.

باغدادىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدا بىر تونېلغا كىرىۋالغانلىقىنى، ئامېرىكا ك 9 لىرىنىڭ ئۇنىڭ پېيىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ، «باغدادى ئۈستىگە كىيىۋالغان پارتلاتقۇچلۇق جىلىتكىنى پارتلاتتى. DNA نەتىجىلىرى ئۆلگەن كىشىنىڭ باغدادى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى» دېدى.

باغدادىنى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان نازارەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن دونالد ترامپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تۈركىيە، رۇسىيە، سۈرىيە ۋە ئىراق بىلەن ماسلاشقان ھالەتتە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دۆلەتلەرگە رەھمەت ئيتتى.

ئۇ، «تۈركىيە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى بىلەتتى، قەتئىي مەسىلە چىقارمىدى، كۆپ ياردەم قىلدى، پەۋقۇئاددە ئىدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر