سەئۇدى ئەرەبىستان 49 دۆلەت پۇقراسىغا ساياھەت ۋىزىسى بېرىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە ۋىزىلىرىدىن باشقا تارىخىدا تۇنجى قېتىم 49 دۆلەتنىڭ پۇقراسىغا ساياھەت ۋىزىسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1278302
سەئۇدى ئەرەبىستان 49 دۆلەت پۇقراسىغا ساياھەت ۋىزىسى بېرىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان ساياھەت ئىدارىسى باشلىقى ئەھمەد ئەلخەتىيب، دۆلەتنى ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىش ئۈچۈن 49 دۆلەت پۇقراسىغا ساياھەت ۋىزىسى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىزىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇم ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدىمۇ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان خەتىيب، ۋىزىنىڭ بېرىلگەن ۋاقتىدىن تارتىپ 360 كۈنگىچە ئىناۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى، دۆلەتكە كىرگەندىن كېيىنكى تۇرۇش مۇددىتىنىڭ 3 ئاي بولىدىغانلىقىنى، بىر يىل ئىچىدە 180 كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، غەيرىي مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرنىڭ مەككە ۋە مەدىنەگە كىرىشلىرى، يالغۇز بولسا، 18 ياشتىن كىچىك ساياھەتچىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىشى ۋە ساياھەت ۋىزىسىدىن پايدىلىنىپ داۋالىنىش، ھەج ۋە ئۆمرە قىلىۋېلىشنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھازىرغىچە پەقەت ھەج ۋە ئۆمرە بىلەن سودا ئىشلىرى ئۈچۈنلا ۋىزا بېرىپ كېلىۋاتاتتى. يېقىندا تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ ۋىزا بېرىشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر