خۇسىيلار ئەبۇ دەبى ۋە دۇبەيگىمۇ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خۇسىيلار ئەگەر ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى يەمەندىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە نىسبەتەن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە تېخىمۇ كۆپ مۇئەسسىسەلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.

1272385
خۇسىيلار ئەبۇ دەبى ۋە دۇبەيگىمۇ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلار ئۆتكەن شەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى «Saudi Aramco» غا تەۋە مۇئەسسىسەلەرگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئەگەر يەمەندە ئەرەب ئىتىپاقداش قىسىملىرى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگىمۇ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ تەھدىت سالدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «Saudi Aramco» غا تەۋە مۇئەسسىسەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمغا ئىراننىڭ ياردەم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى. 

خۇسىيلارنىڭ «ئەلمەسىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا خەۋەر قىلىشىچە، يەھيا سەرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بەزىلىرى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن نۇرغۇن ساندا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بەكىك ۋە ھارىس نېفىت زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان.

يەھيا سەرى ھۇجۇملارنىڭ ئادەتتىكى موتورلۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم نىشانلىرىنىڭ مۇساپىسى ۋە يۆنىلىشىگە كۆرە، ئۈچ ئاساسلىق نۇقتىدىن قىلغانلىقىىنى بىلدۈرۈپ، 1500 كېلومېتىردىن 1700 كېلومېترغىچە مۇساپىلىق «سەمەد» ۋە «3نەسىل كاشىف» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتلىرىنىمۇ شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

يەھيا سەرى بەزى ھاۋا ئاپپىراتلىرىنىڭ ئۆزىنى يوشۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىگىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش جەھەتتە خۇسىيلارنىڭ قانداق يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بايقىغۇچ ھاۋا ئاپپىراتلىرى ئارقىلىق ھۇجۇمدىن ئىلگىرى ئالدىن تارتىلغان «Saudi Aramco» غا تەۋە مۇئەسسىسەلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسەتتى.

«Saudi Aramco» غا تەۋە مۇئەسسىسەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى «ئىككىنچى چېكىندۈرۈش تەڭپۇڭلۇق ھەربىي ھەرىكىتى» دەپ تەرىپلىگەن يەھيا سەرى، ئامېرىكانىڭ زىياننى ئاز كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغان رەسىملەرنى تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەھيا سەرى ئەسلىدىكى ۋەيرانچىلىقنىڭ ئېتىراپ قىلىنغاندىنمۇ چوڭ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەھيا سەرى ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئەگەر يەمەندىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە نىسبەتەن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە تېخىمۇ كۆپ مۇئەسسىسەلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ دەبى ۋە دۇبەينىڭمۇ ھۇجۇم تىزىملىكىدە بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر