ئافغانىستاندا توي مەرىكىسى ئەسناسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستان شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ پاچىراگام ناھىيەسىدە بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئوغلىنىڭ تويى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۆمى يۈز بەردى.

1234906
ئافغانىستاندا توي مەرىكىسى ئەسناسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ پاچىراگام ناھىيەسىدە بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئوغلىنىڭ تويى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 6 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوگيانى، پاچىراگامدىكى قەبىلە باشلىقلىرىدىن مالىك تۇرنىڭ بىر تۇغقىنىنىڭ ئوغلىنىڭ تويىدا كىچىك ياشتىكى بىرىنىڭ بەدىنگە تېڭىۋالغان بومبىنى ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا كىرگەندىن كېيىن پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ۋەقەدە 6 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 40 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىدارلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر