ئافغانىستاندا جامەگە قىلىنغان ھۇجۇم جانغا زامىن بولدى
ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدىكى مۇھەممەدىيە جامەسىگە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1231309
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەزنە ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە، غەزنەنىڭ ھەق غەرىبان رايونىغا جايلاشقان مۇھەممەدىيە جامەسىنىڭ مېھرابىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ جامائەت ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا پارتلىشى نەتىجىسىدە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 20 كىشى يارىلانغان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.