خەلقئارا بىخەتەرلىك بىرلىكىنىڭ ئورتاق مانىۋېرى ئاخىرلاشتى

فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق 8 دۆلەت ئەزاسى بولغان خەلقئارا بىخەتەرلىك بىرلىكىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزگەن ئورتاق مانىۋېرى ئاخىرلاشتى.

1229511
خەلقئارا بىخەتەرلىك بىرلىكىنىڭ ئورتاق مانىۋېرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (WAM) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى  سەيف بىن زايىد ئەلنەھيان  خەلقئارا بىخەتەرلىك بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەردىن 50 ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان مانىۋېرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتقان.

چاقماق تېزلىكىدە مۇداخىلە قىلىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئۇچۇر – ئالاقە، پۇقراۋى مۇداپىئە ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى پاچاقلاپ تاشلاش ئەترەتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان مانىۋېردىن مەقسەتنىڭ،  خەلقئارا بىخەتەرلىك بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2017 – يىلدىن بۇيانقى  ئورتاق ئەسلىھەلىرى، ئىستىراتېگىيەلىرى ۋە پىلان – لايىھەلىرىنىڭ سىناق قىلىنىشى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە تەجرىبە ئالماششتۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارالىق تەشكىللىك جىنايەتلەر ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى  كۈرەشنى نىشان قىلىدىغان خەلقئارا بىخەتەرلىك بىرلىكى، 2017 – يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇدەبى شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ،  ئەزالىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، فىرانسىيە، ئىتالىيە، بەھرەين، ماراكەش، ئىسپانىيە، سېنېگال، سىنگاپور ۋە سىلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر