سۇداندا ئۇغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر «گۇمانلىق بايلىق توپلاش» بىلەن ئەيىبلەندى

سۇداندا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئۆمەر ئەلبەشىر «گۇمانلىق بايلىق توپلاش» بىلەن ئەيىبلەندى.

1218761
سۇداندا ئۇغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر «گۇمانلىق بايلىق توپلاش» بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SUNA)  نىڭ  سۇدان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىر ئەمەلدارىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئۆمەر ئەلبەشىرنى تەكشۈرۈش ئىشلىرى تاماملانغان، باش تەپتىش مەھكىمىسى ئەلبەشىرنى «گۇمانلىق بايلىق توپلاش، چەت ئەل پۇللىرىنى ساقلاش ۋە جىددىي ھالەت قارارلىرىنى چىقىرىش» جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

سۇدان باش تەپتىش مەھكىمىسى ماي ئېيىدىمۇ ئەلبەشىر ۋە شۇ دەۋرنىڭ بەزى شەخسلىرىنى «نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە تەشۋىق ھەم ئىشتىراك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

دۆلەتتە 2018 – يىلى 19 – دېكابىر كۈنى ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن باشلانغان نامايىشلارنىڭ چاقماق تېزلىكىدە  ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن كېيىن، 11 – ئاپرېل كۈنى سۇدان ئارمىيەسى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن، 30  يىللىق ئۆمەر ئەلبەشىر دەۋرى ئاخىرلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر