«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك»

خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى گاي رايدېر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇولمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.

1216181
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايدېر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا تۈنۈگۈن باشلانغان خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ 108 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەمگەك كونفېرانسىدا ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

ئۇ سۆزىدە، بۇ يىل 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچنىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 21 – ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان كونفېرانسقا، 40 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىىشنىڭ بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كۆپ تەرەپلىك بىر سىستېمىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. دەرۋەقە، دۇنيادا پارچىلىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھەممىلا جايدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ، دۆلەتلەر ئارا دىيالوگ ۋە ئوخشىمىغان قاراشلار بىزنى ئەندىشىلەندۈرۈۋاتىدۇ.»

كونفېرانسقا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتارلىق ئونلارچە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتناشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر