كونگودا يولۇچىلار كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىدىكى ماي – مدومبې كۆلىدە بىر يولۇچىلار كېمىسىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1208835
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىدىكى ماي – مدومبې كۆلىدە شەنبە كۈنى كېچىسى تەخمىنەن 350 يولۇچى ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار كېمىسى مەنزىلگاھقا يېتىپ بېرىشقا 10 كىلومېتىر قالغاندا كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن، ۋەقەدىن كېيىن يولۇچىلاردىن 183 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 30 كىشىنىڭ خەسىتى تېپىلغان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.