كامېرون ئارمىيەسىنىڭ بۆلگۈنچىلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە 17 كىشى ئۆلدى
كامېروننىڭ ئانگلوفون (ئىنگىلىزچە سۆزلىشىدىغان) شىمالىي – غەربىي ئۆلكىسىدە، ئارمىيەنىڭ بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 17 كىشى ئۆلتۈرۈلدى.
1209102
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاقماق تېزلىكىدە مۇداخىلە قىلىش باتالىيونى بۆلگۈنچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسىدە بالى يېزىسىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا پۇقرالاردىن ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، 17 بۆلگۈنچى ئۆلتۈرۈلگەن.
چاقماق تېزلىكىدە مۇداخىلە قىلىش باتالىيونى بۆلگۈنچىلەرگە ئائىت كۆپ ساندا قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورىلارنى قولغا چۈشۈرگەن.