پاپا سىگانلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

كاتولىك دۇياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فرانسىسكىس ئىتالىيە پايتەختى رىمدا سىگانلارغا ئىرقىي ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1198574
پاپا سىگانلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاپا فرانسىسكىس ئىتالىيە پايتەختى رىمدا بىر گۇرۇپپا سىگانلارنى ئىجتىمائىي تۇرالغۇ مەركىزىگە ئېلىپ كېتىش ۋەقەسىگە ۋە بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ھۇجۇم ۋەقەلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

پاپا فرانسىسكىس ئاشقۇن ئوڭچى ئىدىيەگە ئىگە گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەن سىگانلارنى ۋاتىكاندا كۈتۈۋالدى.

ئۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ: «سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن، سىلەرنى ئۆزەمگە يېقىن ھېس قىلىمەن. گېزىتلەردە ناچار يازمىلارنى ئوقۇغىنىمدا، راستىنى ئېيتسام، تولىمۇ ئازابلىنىمەن. بەزى خەۋەرلەردىن ھەقىقەتتەن ئازابلىنىمەن» دېدى.

ئۇ سىگانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي ھۇجۇملاردا «ئىككىنچى سىنىپ پۇقرا» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەنقىد قىلىپ: «ئىككىنچى سىنىپ پۇقرا دېگەن كىشى، باشقىلارنى چەتكە قاققان كىشى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار كىشىلەرگە قانداق قۇچاق ئېچىشنى بىلمەيدۇ. ئەسلىدىكى يول، قېرىنداشلىق ۋە ئىشىكىمىزنى ھەممە كىشىگە ئوچۇق تۇتۇش يولىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر