ئىسپانىيە ۋېنېزۇئېلالىق ئۆكتىچى رەھبەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلدى
ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى 30-ئاپرېل (سەيشەنبە) ئۆي نەزەربەنتىدىن قېچىپ كاراكاستىكى ئىسپانىيە ئەلچىخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۆكتىچى رەھبەرلەردىن لېئوپولدو لوپېز (Leopoldo Lopez'i) نى ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوزسېف بوررېل (Josep Borrell) 2019-يىلى يانۋاردا ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدونىڭ چاقىرىقى بىلەن باشلانغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ھەرىكىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن لېئوپولدو لوپېزنىڭ پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسپانىيە كاراكاستىكى ئۆيىدىن نەزەربەنتتىن قاچقان سابىق كاراكاس شەھەر باشلىقى ئاندونىيو لېدېزما (Antonio Ledezma) قاتارلىق بىر قاتار ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرىگە، 2017-يىلى نويابىردا ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىش جازاسى بېرىلگەن ئىدى.
لېئوپولدو لوپېز 2014-يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا، خەلقنى زوراۋانلىق قىلىشقا تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۈچ يىل قاماقتا ياتقاندىن كېيىن 2017-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئۇنىڭ جازاسى ئۆي نەزەربەنتىگە ئۆزگەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆيدە نەزەربەنت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان لوپېز 30-ئاپرېل خۇەن گۇايدو تۋىتتېردا تارقاتقان خەلق ۋە ئەسكەرلەرنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىش رەسىملىرىدە كۆرۈنگەن ئىدى.