قاتاردا «بۈركۈت 21»ناملىق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلمەكتە

قاتاردا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىمۇ قاتناشقان «بۈركۈت 21»ناملىق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلمەكتە.

1191262
قاتاردا «بۈركۈت 21»ناملىق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتاردا تۈركىيە ئەسكەرلىرىمۇ قاتناشقان «بۈركۈت 21»ناملىق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلمەكتە.

قاتار خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قاتار ئارمىيەسى تەرىپىدىن پايتەخت دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن «بۈركۈت 21»ناملىق ھەربىي مانىۋېرغا تۈركىيە ئەسكەرلىرىدىن سىرت ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، قاتار ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى، ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە قاتار ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال غەنىم بىن شاھىن ئەل غەنىمنىڭ ھەربىي مانىۋېرغا قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

21-ئاپرېلدا باشلىغان بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېرنىڭ 30-ئاپرېلدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قاتاردا كېيىنكى 2 يىل ئىچىدە تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىمۇ ئورۇن ئالغان نۇرغۇن ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر