فىلىپپىن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش – تارتىشلىق ئارال ئەتراپىدا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1177261
فىلىپپىن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن خەۋەر ئاگېنتلىقىلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «سىپراتلىي تاقىم ئاراللىرىدا "پاگ ئاسا" دەپمۇ ئاتىلىدىغان فىلىپپىننىڭ دىتۇ ئارىلىغا يېقىن جايدا ئاز دېگەندىمۇ 200 گە يېقىن خىتاي كېمىلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرىشى قانۇنسىزلىقتۇر» دېيىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

باياناتتا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ فىلىپپىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىق بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. 

فىلىپپىن پىرېزىدېنتلىقى باياناتچىسى سالۋادور پانېلو ھەپتە ئاخىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا دىتو ئارالى ئەتراپىدا دېكابىر ئېيىدىن مارت ئېيغىچە بولغان جەرياندا 275 ئەتراپىدا خىتاي كېمىلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا ۋاقتىدا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

فىلىپپىنلىك يەنە بىر دىپلوماتىيە خادىمىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىغا دىپلوماتىك نوتا (ئاگاھلاندۇرۇش) ناپشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي 1974يىلى ئۆزى ئېلان قىلغان بىر خەرىتىنى ئاساس قىلىپ، تالاش تارتىشلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ %80 نىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

يە ئاستى بايلىقىنىڭ موللىقى بىلەن تونۇلغان بۇ رايون ئۈستىدە فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇناي ۋە مالايشىيامۇ ئۆزلىرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا سۇنئىي ئارال ۋە ئاراللارنىڭ ئۈستىگە ھەربىي بازىلارنى ياساپ، رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشىگە رايوندىكى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە، ئامېرىكىمۇ قارشى چىقماقتا.

خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن «پاراچال» ۋە «سىپراتلىي» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تاقىم ئاراللىرى ۋىيېتنام تەرىپىدىن «خوڭسا» ۋە «تىروڭسا» دەپ ئاتىلىدۇ.

 خىتاي بولسا، بۇ ئاراللارنى «شىشا» ۋە «نەنشا چۈنداۋ» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر