گېنېرال دوستۇم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاندا بىرىنچى قول ئافغانىستان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى گېنېرال رەشىد دوستۇم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1173758
گېنېرال دوستۇم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرىنچى قول ئافغانىستان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى گېنېرال رەشىد دوستۇم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

دوستۇمنىڭ ھۇجۇمدا يارىلانمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رەشىد دوستۇم شىبىرگاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مەزارى شەرىف شەھىرىدىن شىبىرگانغا مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن كېتىۋاتقاندا، رايوندىكى تالبىان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھۇجۇمدا بىر مۇھاپىزەتچىسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتقان دوستۇم، 2 مۇھاپىزەتچىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تالبىان باياناتچىسى زابىھۇللا مۇجاھىت بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا دوستۇمنىڭ 4 مۇھاپىزەتچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر