«بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يۇرتىغا قايتقان سۈرىيەلىكلەرنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ»

لىۋان باش مىنىستىرى سەئىد ھەرىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يۇرتىغا قايتماقچى بولغان سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1167250
«بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يۇرتىغا قايتقان سۈرىيەلىكلەرنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاندىكى بارلىق سىياسىي كۈچلەرنىڭ سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەرىرى، سۈرىيەلىكلەرگە پۇقرالىق بېرىشكە ئالاقىدار دەۋالارنى قەتئىي رەت قىلدى.

سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرتىغا قايتىشىغا ئالاقىدار تىزىملىكنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە بەرگەنلىكلىكلىرىنى قەيت قىلغان ھەرىرى، بىراق بۇ تىزىملىكتىكىلەرنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لىۋان ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى رىشارد كايۇمجىيان، سۈرىيەلىكلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشى ئۈچۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى، لېكىن، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يۇرتىغا قايتماقچى بولغانلارنىڭ پەقەت % 20 تىنىلا قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

لىۋاننىڭ رەسمىي مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2011 – يىلى پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن سۈرىيەلىك تەخمىنەن 1.5 مىليون كۆچمەن لىۋانغا كۆچۈپ كەتكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،  ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن لىۋانغا كۆچۈپ كەتكەن سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ سانى 1 مىليوندىن تۆۋەن ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ كومىسسارى فىلىپپو گراندى، 9 – مارت كۈنى لىۋاندا زىيارەتتە بولغاندا بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغىچە 165 مىڭ سۈرىيەلىكنىڭ يۇرتىغا قايتقانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر