موزامبىكتىكى ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ

موزامبىكتىكى بوران – چاپقۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

1166082
موزامبىكتىكى ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  موزامبىك پىرېزىدېنتى فەىلىپې نيۇسى، رادىيو پىروگراممىسىدا بەرگەن باياناتىدا،  بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ رەسمىي مەلۇماتلاردا 84 تەرىقىسىدە بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ رەقەمنىڭ مىڭدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى جەريانىدا سۇ ئۈستىدە لەيلەپ قالغان جەسەتلەرنى كۆرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپەتلىرىدە ساھىل شەھىرى بېيرانىڭ % 90 تى تالاپەتكە ئۇچرىغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، موزامبىك، مالاۋى ۋە زىمبابۋې قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن مەۋسۇملۇق بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 1.5 مىليون كىشىگە يېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر