ھاۋاي ئىشتاتىدا يەر تەۋرەش يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھاۋاي ئىشتاتتىدا 5.5 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى.
1163624
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋاي ئىشتاتىغا جايلاشقان كىلۇئائې رايونىنىڭ 12 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدا، يەرنىڭ تېگىدىن 7 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.
مەركەزنىڭ باياناتىدا، يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى، ھەمدە ماددىي زىيان كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن.