ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالاھىدە ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى ۋېنېزۇئېلاغا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى ھەربىي مۇداخىلىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1162677
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موغېرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنىڭ تىنچ ۋە دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋېنېزۇئېلاغا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى ھەربىي مۇداخىلىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. كىرىزىسنى سىرتنىڭ مۇداخىلىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش توغرۇلۇق بېسىم ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك.»

ۋېنېزۇئېلادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆكتىچىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان مىللىي مەجلىسنىڭ باشلىقى خۇۋەن گۇەيدۇ، يانۋار ئېيىدا ئۆزىنى «دۆلەتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى» دەپ ئېلان قىلغانىدى، ئارقىدىنلا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋىستىرىيالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستارىكا، گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىرال قىلىنغانىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە قەدەم تاشلىغانىدى.

تۈركىيە، مېكسىكا، رۇسىيە، ئىران، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن، مادۇرومۇ بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى، ئەمما، سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ۋېنېزۇئېلاغا قوشۇن ئەۋەتىشنىڭ تاللاش خاراكتېرلىك يوللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر