گېرمانىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكلاتى قاتناشقان دىنلار ئارا دىيالوگ لايىھەسى توختىتىپ قويۇلدى

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكلاتىنىڭ ئورتاقلىقىدىكى 3 دىننىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن پىلانلانغان «House of One» لايىھەسى توختىتىپ قويۇلدى.

1160163
گېرمانىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكلاتى قاتناشقان دىنلار ئارا دىيالوگ لايىھەسى توختىتىپ قويۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لايىھەنىڭ زېمىن ئېگىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكلاتىنىڭ لايىھەگە قېتىلىدىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ لايىھەدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پىترى مەيدانىغا ياسىلىشى پىلانلانغان لايىھەنىڭ زېمىن ئىگىسىنىڭ چېكىنىشى بىلەن ئېنىقسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

زېمىن ئېگىسى بېرلىنلىق كارخانىچى كاتېرىن دۇسمان چېكىنىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ لايىھەگە فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكلاتىدىن باشقا مۇسۇلمانلار ۋەكىلىنىڭ قاتناشمىغانلىقىنى، شۇڭا باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ جامە ۋە جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ تەشكلاتنىڭ 2016يىلى 15ئىيۇلدا تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگەرتىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە جاۋابكار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

كاتېرىن دۇسمان ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دىنلار ئارا دىيالوگنى ۋە چۈشىنىشنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان لايىھەنى قوللىيالمايمەن» دېدى.

سوتسىيالىست دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن سايلانغان بېرلىن شەھەر باشلىقى مىچەل مۇللېر بۇ لايىھەنىڭ مۇتەۋۋەللىي ھەيئىتى باشلىقى بولغان بولۇپ، قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى دېكابىر ئېيىدا باشلانغان ئىدى.

جەمئىي 43 مىليون 500 مىڭ ياۋرو چېقىم بىلەن پۈتۈشى مۆلچەرلەنگەن بۇ لايىھە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر 8 مىليون 500 مىڭ ياۋور ئىنائەنە توپلانغان ئىدى.

ئەگەر لايىھە ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ماددى ياردەمدە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر