ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن چېگراغا ئەسكەر يۆتكىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىش ئۇرۇنىشىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئالاھىدە قىسىم شۇنداقلا قورال – ياراقلارنى ۋېنېزۇئېلا چېگراسىغا يۆتكىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1150966
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن چېگراغا ئەسكەر يۆتكىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارىيا زاخاروۋا پايتەخت مۇسكوۋادا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ۋېنېزۇئېلانىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ۋە كۈنتەرتىپلىرى ئۈستىدە توختالدى. ۋېنېزۇئېلا مەسلىسىنىڭ تولىمۇ نازۇك بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادا ئىنسانپەرۋەرەلىك ياردەم دېگەن نام ئاستىدا، ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلار ۋە ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى بىر بىرىگە قارشى كۈشكۈرتمەكتە. پىرېزىدېنتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن خەتەرلىك قۇتراتقۇلۇقلارنى پىلانلىماقتا. ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىكلىرى دۇنيادىكى يىرىكچىلەرنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋىتىدۇ» دېدى.

زاخاروۋا ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئالاھىدە قىسىملىرى ۋە قوراللىرىنى ۋېنېزۇئېلا چگراسىغا يۆتكىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادورلۇق قورال كېلىشىمى "INF" تىن چېكىنىش قارارى ئۈستىدىمۇ توختالغان زاخاروۋا: «كېلىشىمنىڭ بۇزۇلىشى قورال رىقابىتىگە رىغبەتلەندۈرۈش بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا رۇسىيە ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادورلۇق قورال كېلىشىمى "INF" مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكىغا سۇنغان تەكلىپىدىن ۋاز كەچمەيدۇ» دېدى.

زاخاروۋا ئافغانىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ بۇ ئاي مەسكوۋادا تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇچرىشىشلارنىڭ ئافغانىساندا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زامىر كابۇلوۋ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزادنىڭ ئافغانىستان مەسلىسى ئۈستىدە ئەنقەردە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر