ھىندىستاندا بىر توي 13 كىشنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى راجىستان ئۆلكىسىدە توي كارۋىنى بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ سوقۇشۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن 13 كىشى ئۆلۈپ، 19 كىشى يارىدار بولدى.
1148042
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوننىڭ يەرلىك ھۆكۈمرانى سىيام سىنگ راجپورى پراتاپگار شەھىرىدە 133 – يولدا يۈز برگەن قاتناش ۋەقەسىدە، ئىنتايىن تىز سۈرئەت بىلەن كەلگەن يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كارۋان شەكلىدە كىتىۋاتقان توي ئاپتوموبىللىرىغا سۇقۇلۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن 9 كىشىنىڭ نەق مەيداندا، 4 كىشىنىڭ بولسا، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يارىدار بولغان 19 كىشىنىڭ دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.