سوچى باشلىقلار يىغىنى باياننامىسى  ئېلان قىلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلغان «سۈرىيە» تېمىلىق باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئورتاق باياننامە ئېلان قىلدى.

1146017
سوچى باشلىقلار يىغىنى باياننامىسى  ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورتاق باياننامىدە، رەھبەرلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىكىنى قوغداش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارى ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، بۇنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تۆھپەت قوشىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا، رەھبەرلەر سۈرىيەدىكى ئايرىمچى كۈنتەرتىپلەرگە قارشى ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئىپادلىدى، ئىدلىبتىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلاش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەشتە داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەھبەرلەر سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەربىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، كىرىزىسنى پەقەت سۈرىيە خەلقىنىڭ باشلامچىقى ۋە ساھىبخانىلىقىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ماس ھالدىكى سىياسىي باسقۇچ خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلرىنى ئىپادىلىدى. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزئارا قويۇپ بېرىلىشىنىڭ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.»

سۈرىيە خەلقىگە قىلىنىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا چاقىرىق قىلىنغان  باياننامىدە يەنە، رەھبەرلەرنىڭ  كۆچمەن بولۇپ قالغان ۋە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈرىيەلىكلەرگە، ئۆز ماكانلىرىغا بىخەتەر ۋە ئىختىيارىي يوسۇندا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنىڭ  زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەھبەرلەرنىڭ، «سۈرىيە» تېمىلىق  12  – نۆۋەتلىك   ئاستانا باشلىقلار يىغىنىنىڭ مارت ئېيىدا چاقىرىلىشى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى ھەمدە كېلەر قېتىملىق ئۈچ تەرەپ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ تۈركىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى قارارلاشتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر