ئىران مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىدى

ئىران ئىنقىلابىي مۇاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى قىتئەلەر ئارا مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىغان «دېزفۇل» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىدى.

1141585
ئىران مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى  مۇھەممەد ئەلى جەفەرى، ئىراننىڭ يەر ئاستى زاۋۇتىدا ياسالغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «يەر ئاستىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسايدىغان بۇ زاۋۇتىمىزنى تونۇشتۇرۇشىمىز غەرب ئەللىرىنىڭ داۋراڭلىرىغا تېگىشلىك جاۋابتۇر، غەرب ئەللىرى <ئېمبارگولار ۋە تەھدىتلەر ئارقىلىق ئىرانغا چەكلىمە قويالايمىز ۋە تېھرانننى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىدىن ۋاز كەچتۈرەلەيمىز» دەپ خام خىيال قىلىۋاتىدۇ، ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئىقتىدارى ھېچبىر شەكىلدە مۇزاكىرىگە ئوچۇق ئەمەستۇر، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقىنىنىڭ دەل ئەكسىچە، دۆلەت مۇداپىئەسى كۈچىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزدۇق، بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز، بىزنىڭ قىلچە ئەىدىشىمىز يوق، ئىران دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە ئۆزى مېڭىۋاتقان يولىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە،  «دېزفۇل» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىكەن،  «زۇلپىقار» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولسا 700 كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر